قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە
كىتابلار
- قۇرئان كەرىم ھەقىقەت«قۇرئان كەرىم ھەقىقەت» ناملىق بۇ كىتاپ ئىلىم- پەننىڭ ھەر-خىل ساھەلىرىدە ئىختىساسلاشقان 14ئىلىم پەن خادىملىرى بىلەن بولغان، ئىلمى سۆھبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سۆھبەتنىڭ مۇددىئاسى ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانىيەتنى ئىلىم-مەرىپەت ئۇگۇنىشكە پائال تەشەببۇس قىلغانلىقى ۋە تەبىئى پەن ھەقىقەتلىرى بىلەن ئىسلام دىنى ئوتتۇرىسىدا ئاتالمىش «توقۇنۇش»نىڭ ھەزگىزمۇ يوقلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى ئايەتلىرى 1400يىل ئىلگىرى ئىشارەت قىلىپ ئوتكەن ئىلمى ھەقىقەتلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.
يازما : شەيخ ئابدۇلمەجىد زەندانى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئەبۇ ئەكرەم ئەھمەد
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/53003
- پەزىلەتلىك ئەمەللەر«پەزىلەتلىك ئەمەللەر» ناملىق بۇ كىتاپتا ئاپتۇر ئىسلام دىنىدىكى ئىبادەتلەر ئەقىلغا تايانماستىن ؛بەلكى قۇرئان ۋە ھەدىسگە ئاساسلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، بەندىنى ئاللاھقا يىقىنلاشتۇرىدىغان، ئىنساننىڭ روھى ۋە مەنىۋىيىتىگە ۋاستسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەمەللەرنى قۇرئان ۋە ساغلام ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ چۈشەنچە بېىرىدۇ.
يازما : پىغانى ئۇيغۇرى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/74839
- تەنتاۋى جەۋھەرلىرىدىن تاللانمىلار«تەنتاۋى جەۋھەرلىرىدىن تاللانمىلار» ناملىق بۇ كىتاپ تەپسىر جەۋاھىردىن مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ تاللانما تەرجىمىسى بولۇپ ،بۇ تەپسىر ھەر-خىل ھازارەت ۋە مەدەنىيەت كۆز قاراشلىرىدىكى جەمىيەتشۇناس ، پىسخىلوگىيە ، بىئولوگىيە ،تەبىئى پەن قاتارلىق بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقىتى بىلەن تونۇشۇپ چېقىشىغا ئاساس سالغۇسى.
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئالىم ئابدۇرەھمان
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/74955
- ئايال ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار«ئايال ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار» ناملىق بۇ ئەسەر، ئايال ساھابىلاردىن (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) 117 كىشىنىڭ شانلىق تەرجىمىھالىنىڭ قىسقىچى مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆلگىلىك ئىش-ئىزلىرى، ئىمانى ۋە ئىنسانى ئالاھىدىلىكلىرى، دىننى قوغداش ۋە تارىتىش يولىدا كورسەتكەن پىداكارلىقلىرى، ھىجرەت ۋە جىھاد مەزگىللىرىدىكى ئەزىيەتلەرگە سەبرى قىلىشى...قاتارلىق كۆپلىگەن گۈزەل خىسلەتلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە ئەينەن تەسۋىرلەپ بىرىدۇ.
يازما : ھەۋۋا ئەرگەنە ئېشىق
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ئا.قارلۇقى - ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : مىنەۋۋەر بىنتى نىياز
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر ئونلاين توربېكىتى www.uyghuronline.net
Source : http://www.islamhouse.com/p/369732
- مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى بىلەن دۇنيا نېمىلەرنى يوقاتتى«مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى بىلەن دۇنيا نېمىلەرنى يوقاتتى» ناملىق بۇ ئەسەردە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام پىرىنسىپلىرىدىن يىراقلاشقانلىق سەۋەبى خەلىقئارادىكى ئورنىنىڭ توۋەنلىگەنلىكى، ئەگەر ئۇلار، ئەقىدىسىدە چىن بولغان كۈنى ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە نائىل بولىدىغانلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ كىلىچىكىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى، دۇنيادىكى پاتپاراقچىلىقلارنى ئىسلام دىنىلام نەتىجىلىك ھەل قىلالايدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا قۇرئان ۋە ھەدىستىن، تارىخ ۋە داڭلىق ئالىملارنىڭ سوزلىرىدىن دەلىل كەلتۇرۇپ ئىلمى ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يازما : ئەبۇلھەسەن ئەننەدەۋى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : سابىرجان
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/52939












